
«ئوكيانۇس»
نىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرى:
- 100 مىڭدىن دىن
ئارتۇق سۆزلۈك ئىزاھاتى ۋە بىرقىسىم ئاۋاز-سۈرەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر
تىل قامۇسى.
- تىببي
ئىزاھات قاتارلىق كۆپ قىرلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
- ھەرخىل
ئىشەنچىلىك چوڭ لۇغەتلەر ئاساسىدا تەمىنلەنگەن ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە
لۇغەت. جەمئي سۆزلۈك سانى 1 مىليۇن 500 مىڭدىن ئارتۇق.
- پۈتۈنلەي يېشىل
يۇمشاق دېتال بولۇپ، ھېچقاندا قوشۇمچە ياردەمچى دېتاللارغا تايانمىغان، قاچىلاش
ھاجەتسىز، Windows 95
تىن يۇقىرى بارلىق 32 بىتلىق Windows
سىستېمىسى شارائىتىدا بىۋاسىتە ئىجرا قىلىپ ئىشلىتىشكە
بولىدۇ. كومپيۇتېرغا ھېچقانداق ئارتۇقچە يۈك ئېلىپ كەلمەيدۇ. سۈرئىتى تېز ۋە
بىخەتەر.
- ئۆلچەملىك
ئۇيغۇرچە خەنزۇچە ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى لۇغىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
- مەلۇم سۆز
ئارىلىشىپ كەلگەن جۈملىلەرنى كۆرسىتىش ئىقتىدارى بار، مەزمۇنى ئىنتايىن مول.
- خەنزۇچە خەتنى
ئىزدەشتە پىنيىن ياكى خەت قۇرۇلمىسى بۇيىچە ئىزدەش ئىقتىدارى تەمىنلەنگەن.
- يەر-جاي
ناملىرى ۋە باشقا بېكىتىشتىن ئۆتكەن ئىشەنچىلىك ماتېرياللار تەمىنلەنگەن.
- بىر يۈرۈش ئومۇمىي ئۇيغۇر تىل تەتقىقات
قۇرۇلۇشىنىڭ بىرقىسىمى بولۇپ، ئاساسى نىسبەتەن مۇكەممەل، يۇشۇرۇن كۈچى زور.
- ھەقسىز ۋە ھەقلىق نۇسخىلىرى بىر
گەۋدىلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، كەڭ دائىردە تارقىتىلغان ھەقسىز ئومۇملاشتۇرۇش
نۇسخىسنى ھەرۋاقىت تولۇق ئىقتىدارلىق كەسپىي نۇسخسى قاتارىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
- CD
نى سالغاندىن كېيىنلا «ئوكيانۇس» نى بىۋاسىتە قوزغىتىش ياكى قاچىلاش كۆزنىكى
كۆرۈنىدۇ، بۇ پروگرامما «ئوكيانۇس» نىڭ ساپ يېشىل يۇمشاق
دېتاللىق ئالاھىدىلىكى بىلەن بىرلىشىپ «ئوكيانۇس»نى ئىشلىتىشنى ھېچقانداق
قاچىلاش جەريانى تەلەپ قىلماي خۇددى VCD
قويغاندەكلا ئاددىي بولۇش مەقسىتىگە ئېرىشتۈرگەن.

- شۇ يېتەكلەش كۆزنىكىدە يەنە كومپيۇتېرغا
قاچىلاش ۋە مۇناسىۋەتلىك تور بېكەتلەرگە ئۇلاش ئىقتىدارلىرى تەمىنلەندى.

توردىن چۈشۈرۈش:
ISO ھۆججىتىنى چۈشۈرگەندىن كېيىن ئوپتىك دىسكىغا ئويۇپ ئىشلەتسىڭىز ياكى بىۋاسىتە
يېشىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، ئوپتىك دىسكىغا ئويغاندىن كېينن ئۇ دىسكا خالىغان
كومپىيوتېرغا سېلىپلا «ئوكيانۇس» نى ئىشلەتكىلى بولىدىغان قورال بولىدۇ، ئەلۋەتتە
خەنزۇچە ئاساسى يېزىق قىلىنغان Windows 95
تىن يۇقىرى كۆزنەك مەشغۇلات سىستېمىسنى تەلەپ قىلىدۇ (يەنى
Windows 95
تىن Windows Vista
غىچە بولغان Windows
مەشغۇلات سىستېمىلىردا ئىشلەيدۇ)، ئۇنىڭدىن باشقىسى شەرت ئەمەس.
|
|
بۇ كۇنۇپكىنى چېكىپ
چۈشۈرۈڭ: |
|
|
|
 |
|
|
|
|
|
新ICP备05001724号 |
Copyright(c) 2007 BGR Uyghur language research labs. All right reserverd |